مەزكۇر شىركەت ئافغانىستاندا بۇ خىل ھوقۇققا ئېرىشكەن تۇنجى چەتئەل شىركىتىدۇر. ئافغانىستان كان بايلىقلىرى مىنىستىرى ۋاھىدۇللا شاھرانى خىتاي تەرەپنىڭ 700 مىليون دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقى، ئەگەر نېفىت،تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالسا مەبلەغ سوممىسىنى 10 ھەسسە كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئامۇ دەريا ۋادىسىدىكى فارياب، سارىپۇل رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ رايوندا تۇنجى بولۇپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 1960-يىللىرى نېفىت، تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان.
ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ كېلىشىم خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا يەر ئاستى تەبىئىي بايلىقىنى كونترول قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا ئاتقان يەنە بىر قەدىمىدۇر. بۇ خىتاينىڭ ئۇرۇش ئوتى ئىچىدىكى ئافغانىستانغا سالغان تۇنجى مەبلىغى ئەمەس. خىتاي مېتاللۇرگىيە قۇرۇلۇش شىركىتى 2008-يىلى ئافغانىستان بىلەن ئۇنىڭ لۇگار ئۆلكىسىدىكى ئەينەك مىس كېنىنى ئېچىشنى مەقسەت قىلىپ، 3 يېرىم مىليارد دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىغان.
ئافغانىستان ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ئىمزالانغان نېفىت، تەبىئىي گاز كېلىشىم ئافغانىستاننىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە تايىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.