قازاقىستان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئىگە بولدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010.01.01
2010.01.01
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىنتېرنېت تورىدا قازاقىستاننىڭ 2010 - يىلىدىن ئېتىبارەن بۇ ۋەزىپىگە ئېرىشكەنلىكى ھەمدە 14 - يانۋار كۈنى ئاۋسترىيىنىڭ ۋېيېنا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا قازاقىستاننىڭ بۇ ئورنىنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قانات سائۇدابايېۋ بۇنىڭ قازاقىستاننىڭ رايوندىكى ۋە خەلقئارادىكى رولىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
قازاقىستاننىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رەئىسلىك قىلىدىغانلىقى 2007 - يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بىراق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار قازاقىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە جەھەتتىكى چېكىنىشلەر تۈپەيلىدىن مەزكۇر قارارنى تەنقىد قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن قازاقىستان رەھبىرى نازاربايېۋ قازاقىستاندىكى دېموكراتىك تەرەققىيات ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەمدە خەلقنىڭ پاراۋانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم ۋەدە قىلغان.
ھەقىقەتەن، كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا مەركىزىي ئاسىيادىكى باشقا جۇمھۇرىيەتلەرگە قارىغاندا پەرقلىق ئۆزگىچىلىكلەر كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار قازاقىستاننىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئېرىشىشىدىن ئۈمىدلەرنى كۈتكەن بولۇپ، ئۇلار بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىق رول ئوينىشى مۇمكىن دەپ ھېسابلايدىكەن.