شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مانېۋىرى قازاقىستاندا باشلاندى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مانېۋىرى دۈشەنبە كۈنى قازاقىستاندا باشلاندى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق ھەربىي مانېۋېرنىڭ كۆلىمى ئالدىنقى يىللاردىكىگە قارىغاندا بىر قەدەر زور ئىكەن. مانېۋر ئىككى ھەپتە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، مانېۋېرغا 3000 ھەربىي خادىم قاتناشقان.

خەۋەرگە قارىغاندا، "تىنچلىق بۇرچى 2010 " ناملىق بۇ ھەربىي مانېۋېرنىڭ، مانېۋېرغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇق، دىنىي رادىكاللىق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مانېۋېرغا قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئىشتىراك قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي قوراللىق قىسمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گېنېرال ما شاۋتيەن باشلىنىش مۇراسىمىدا مانېۋېرنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختالغان ۋە نۆۋەتتە تېررورلۇق، رادىكاللىق ۋە بۆلگۈنچىلىكنىڭ رايون تىنچلىقى جۈملىدىن دۇنيا تىنچلىقىغا جىددىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، مۇنداق دېگەن، "رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە مانېۋېرغا قاتناشقان ھەربىر دۆلەتنىڭ ئورتاق نىشانى" دېگەن.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي بۇ قېتىملىق ھەربىي مانېۋىرغا 1000 كىشىلىك ھەربىي قوشۇن، تانكا ۋە تىكئۇچارلار بىلەن قاتناشقان.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ يىل 8 - ئايدا ئېلان قىلغان خىتاي ھەققىدىكى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ئارقا تېرەكلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە قارىتا رايون خاراكتېرلىك ئىتتىپاق شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مانېۋىرى، 2005 - يىلىدىن بېرى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئامما ھەربىي مانېۋىرنىڭ بۇندىن كېيىن يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.