رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى 40 تىن ئارتۇق بىمار ۋە تىببىي خادىملارنى قۇتۇلدۇرۇۋالغان بولۇپ، كۆيگەن يەرلەرنىڭ دائىرىسى 650 كۋادرات مېتىرغا يەتكەن.
بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستان باش مىنىستىرى كەرىم مەسۈموۋنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سېرىك ئەخمەتوۋ رەھبەرلىكىدە بىر كومىسسىيە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار تېز ئارىدا ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى ئېنىقلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارىدىكەن.
مەزكۇر ئوت ئاپىتى قازاقىستاندا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئېغىر ھادىسە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇ ئىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرمەكتە.
قازاقىستان ھۆكۈمىتى 2010 - يىلى ياۋروپا بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ "رەئىس دۆلىتى" لىك ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىشقا تەييارلانماقتا ئىدى.