قازاقىستاندا ئالتە نەپەر خىتاي ئىشچى يارىلاندۇرۇلدى

ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 17 - سېنتەبىر كۈنى قازاقىستاننىڭ ئاقتۆپە ئوبلاستى تەۋەسىدە خىتايدىن كەلگەن ئىشچىلار بىلەن قازاق ئىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، ئالتە نەپەر خىتاي ئىشچى يارىلاندۇرۇلۇپ، دوختۇرخانىغا ئېلىنغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاقتۆپە ئوبلاستىنىڭ بايگانىن رايونلۇق ئىچكى ئىشلار ئورگىنى مەخسۇس جىنايەت تۇرغۇزۇپ، خىتايلار بىلەن قازاقلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاشقا كىرىشكەن.

ئالىما ئابدىروۋا ئىسىملىك مۇخبىرنىڭ تەپسىلىي خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يارىدار قىلىنغان ئالتە نەپەر خىتاينىڭ ئىككى نەپىرى ئوقتا يارىلانغان بولۇپ، بۇ ئەھۋالدىن خىتاي ئىشچىلارغا قارىتا ئوق چىقىرىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. بىراق، ساقچى تەرەپ قازاق ئىشچىلارنىڭ يارىلانغان ياكى يارىلانمىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى خالىمىغان. ئەمما، بەزى مەلۇماتلاردا ئۈچ نەپەر قازاقنىڭ يارىلانغانلىقى ئېيتىلماقتا. خۇئان خۇنفۇ ئىسىملىك يارىلانغان خىتاي ئىشچى قازاقلارنىڭ ئۆزلىرىگە كالتەك ۋە پولات توقماقلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي دۆلەتلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتى بىلەن قازاقىستاننىڭ "ئاقتۆپە مۇنايگاز" شىركىتى بىرلىشىپ باشقۇرۇۋاتقان مەزكۇر بىرلەشمە نېفىتلىكتە يۈز بەرگەن خىتايلار بىلەن قازاقلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش قازاقىستان ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن كەڭ ئورۇن ئالمىغان بولۇپ، بۇ ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

قازاقىستاندىكى ئۆكتىچى گۇرۇھلار ئاستانا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، قازاقىستاننىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركەتلىرىنىڭ پاي چەكلىرىنى خىتايغا سېتىپ بەرگەنلىكى، نەتىجىدە، خىتاينىڭ قازاقىستان ئېنېرگىيە ساھەسىنى زور دەرىجىدە كونتروللۇق ئاستىغا ئالغانلىقىدىن شىكايەت قىلماقتا.

بۇ يىل ئالمۇتىدا قازاقلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا يەر سېتىپ بەرمەكچى بولغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرى يۈز بەرگەن ئىدى.