خىتاي قازاقىستاندا خىتاي تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرماقچى

خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدا خىتاي تىلى مائارىپىنى قازاقىستاندا ئومۇملاشتۇرۇشنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى غۇلجىدا ئېچىلغان.

شىنخۇئا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2010- يىللىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىساد ۋە خىتاي تىلى مەدەنىيىتى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ناملىئىق بۇ يىغىننى ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ۋە قازاقىستان ئابلەيخان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى خىتاينىڭ قازاقىستان ۋە شۇنداقلا باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە شۇنداقلا خىتاي تىلى مائارىپىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئومۇملاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش بولغان. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى قازاقىستاندا جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا ئەللەردە خىتاي تىلى مائارىپىنى ئۈنۈملۈك ئومۇملاشتۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي تىلىنىڭ خەلقئاراغا يۈزلىنىش مەسىلسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى ئۈستىدە مەسلىھەتلەشكەن.

خىتاي ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىقتىساد ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى خىتاي تىلى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىگە دائىر تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئارقىلىقمۇ بۇ ئەللەردىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا. خىتاي ئىلگىرى قازاقىستاندا كۇڭزى تەتقىقات مەركىزىنىمۇ قۇرغان ئىدى، ئىگىلىشىمىزچە، بۇ نۆۋەت يىغىندا خىتاي تىلى دەرسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن خىتاي قازاقىستاندىكى 7 ئالىي مەكتەپ بىلەن ھەمكارلىشىشنى قارار قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى يەنە قازاقىستان ئابلەيخان ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىشىپ، خىتاي - قازاقىستان خىتاي تىلى ئوقۇتۇش مەركىزى قۇرغان بولۇپ، بۇ مەركەز خىتاينىڭ قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا خىتاي تىلى مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشى ئۈچۈن مۇھىم بىر بازىسى بوپقالىدىكەن.

خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان قازاقىستان بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان قازاقىستاندا ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون بەرپا قىلىش، بوز يەر ئېچىش ئۈچۈن 70 مىڭ خىتاي يۆتكەشكە ئوخشاش بىر قاتار تىجارىي ئالاقىلىرى بەزى قازاقىستانلىق كۆزەتكۈچىلەردە ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. ئۇلار ئىلگىرى بۇ ھەقتە بىلدۈرگەن ئىپادىلىرىدە بۇنىڭ خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.