قازاقىستان دائىرىلىرى سەل ئاپىتى سەۋەبلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنى قولغا ئالدى

قازاقىستان دائىرىلىرى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئالمۇتا رايونىدا يۈز بەرگەن سەل ئاپىتىدە ئۈنۈملۈك تەدبىر ئالمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر يېزا ئەمەلدارىنى قولغا ئالغان.

سەل ئاپىتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى قازاقىستاننىڭ ئاقسۇ ۋە قاراتال رايونلىرىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئاپەتتە 35 ئادەم ئۆلگەن ۋە نەچچە مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يەنە ئالمۇتا رايونلۇق جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مەركىزىنىڭ باشلىقىنىمۇ سەل ئاپىتى سەۋەبلىك قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پەيشەنبە كۈنى قاتتىق ياققان يامغۇر، جۈمە كۈنى ئالمۇتا رايونىغا قاراشلىق ئاقسۇ ۋە قاراتال يېزىلىرىغا جايلاشقان ئىككى سۇ ئامبىرىدا سۇ تېشىپ كېتىشى ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نەتىجىدە مەزكۇر رايونلاردا سەل ئاپىتى يۈز بەرگەن ئىدى.