دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بېريۇسسىلدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى رادىئومىزغا مەلۇمات بېرىپ، قارار لايىھىسى پات يېقىندا ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ تەستىقىغا سۇنۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قەشقەرنى قوغداش ھەققىدە قارار لايىھىسى ماقۇللاش دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پىكرى بولۇپ، بۇ پىكىر بەزى ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئۇلارنىڭ تەكلىپ بېرىشى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان بەزى ئەزالار قارار لايىھىسى ھازىرلاپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تەستىقىغا سۇنۇشقا ماقۇل بولغان ئىدى. مەمەت توختىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر قارار لايىھىسى مۇشۇ بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە سۇنۇلۇشى مۇمكىن.
بۇ مەسىلە يەنە، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي كېڭىشى ۋەكىللىرى يېقىندا ياۋروپا پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ، بەزى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كۆرۈشۈشتە زىيارەت ئۆمىكىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللەر پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2011-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنى قوللاشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەدەنىيىتىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنى قوغداش توغرىسىدىكى بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغان ئىدى.