ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزلىرىغا مەبلەغ سېلىندى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسى خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالتە ئورۇندىكى مەشھۇر قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزلىرىنى قوغداش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە مەدەنىيەت ئىزلىرى جايلاشقان ئورۇننىڭ مۇھىتىنى تۈزەش ئىشلىرىنى باشلىغان بولۇپ، مەزكۇر قۇرۇلۇش ئۈچۈن 40 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەبلەغ بىلەن مەزكۇر قۇرۇلۇشنى قوللىشىدىكى سەۋەب، خىتاي يىپەك يولىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۆلىكىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلماقچى بولغان.

بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى داڭلىق قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن قىزىل مىڭ ئۆي، كروران قەدىمىي شەھىرى، تۇيۇق غارى، سۇ بېشى بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ خارابىسى ۋە مەھمۇت قەشقىرى مەقبەرىسى قاتارلىقلارنى تۈزەشنى بېكىتكەن.

يىپەك يولى كەڭ مەنىدىكى بىر قەدىمىي مەدەنىيەت ئۇقۇمى بولۇپ، يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا جايلاردىكى قىسىملىرىنىڭمۇ ب د ت نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە ئىلتىماس قىلىنىش ئەھۋالىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەمەس.

چەت ‘ئەلدە ياشاۋاتقان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىسمى ئاتالغان بۇ قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەت دەۋرىگە مەنسۇپ مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ ئىلگىرى يېتەرلىك مەبلەغ ئاجرىتىلمىغانلىقى ۋە ياخشى قوغدالمىغانلىقى ھەم باشقا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇزۇلۇشى ئېغىرراق بولغان.

ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلامىيەت دەۋرىگە مەنسۇپ نۇرغۇن مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ يوقىتىلىشى ۋە ۋەيران قىلىنىشى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-70-يىللىرىدا ئەڭ ئېغىر بولغان. گەرچە، كېيىن بىر قىسىم مىراسلار قوغدىلىپ ياسالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقىرىلغان.

ئەمما، يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا قىسمىدىكى سەمەرقەنت، بۇخارا، خىۋە ۋە باشقا جايلاردا بولسا، كونا شەھەرلەر، مەسچىتلەر، مەدرىسەلەر ياخشى ساقلىنىپلا قالماستىن بەلكى رېمونت قىلىنىپ، ئەسلى قىياپىتى بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ مەشھۇر زىيارەتگاھلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.