ئۇقتۇرۇشتا، ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن مۇددەت ئىچىدە كۆچۈشكە ماقۇل بولۇپ، كېلىشىمگە ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن مۇددەت ئىچىدە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ ھەر بىر كۋادرات مېتىر دائىرە ئۈچۈن 100 يۈەندىن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىدىغانلىقى، ئىمزا قويۇشنى كېچىكتۈرگەنلەرنىڭ مۇكاپات پۇلىنىڭ ئازىيىپ بارىدىغانلىقى ياكى بۇ خىل مۇكاپاتتىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بولسا قەشقەر دائىرىلىرى چىقارغان بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ پۇقرالارنى ئۆي چىقىش كېلىشىمىگە مەجبۇرلاشنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلىرىدا، شەھەر قۇرۇلۇش پىلانى ئېھتىياجى دېگەن باھانىدە، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىش ئەۋج ئالغان.
قەشقەر شەھەر مەركىزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى ئۆيلىرىنىڭ چېقىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆچۈرۈلۈشى خەلقئارالىق ھوقۇق تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.
نۆۋەتتە بېيجىڭدا ئەرز قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ئۆي-جايىدىن ئايرىلىپ قالغانلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.