قەشقەرگە مەبلەغ سېلىشقا قىزىققان خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ كۆپىيىشى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىققىتىنى تارتتى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 23-يانۋار خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر ۋىلايىتى بۇلتۇر، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش جەھەتتە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويغانلىقى ئۈچۈن، بۇلتۇر 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، يېڭىدىن جەلپ قىلىنغان مەبلەغ، 125 تۈرگە؛ بۇلارنىڭ ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 38 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 54.3% ئاشقان.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقتىكى كەسىپلەرنى غەربكە يۆتكەش نامى ئاستىدا، شەرقتىكى 4 ئۆلكە، شەھەرنىڭ سودا -سانائەتچىلىرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بىلەن قۇچاق ئاچقان. نەتىجىدە، شاڭخەي يېشىڭ گۇرۇھى، جيجياڭ جىلى سودا شىركىتى، جۇڭگو ئېلېكتر گۇرۇھى قاتارلىق چوڭ سودا گۇرۇھلىرى قەشقەرگە ماكانلاشقان.

خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ قەشقەر شەھىرىگە بۇ دەرىجىدە زور قىزىقىش بىلەن كۆز تىكىشى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىئومىزدا پىكىر بايان قىلىپ، مىللىي زىددىيەتلەر كۈنسېرى ئۆتكۈرلىشىۋاتقان، مۇقىملىق تەدبىرلىرى ھېچ كارغا كەلمەيۋاتقان بىر رايونغا، بۇ دەرىجىدە زور قىزىقىش ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك مەبلەغ سېلىشنىڭ سودا-سانائەتچىلەر ئۈچۈن ئاقىلانە بىر ئىش ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

دىلشات رىشىت خىتاي سودا سانائەتچىلەرنى رايونغا مەبلەغ سېلىشنى پىلانلاۋاتقاندا يالغۇز ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتىنىلا ئەمەس، زېمىن ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلقنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىققا چاقىردى.