ئۇيغۇر ئېلى خەۋەر تورىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى، مەھكىمىنى سىياسەت بويىچە باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى، سوتنىڭ پارتىيىگە، دۆلەتكە سادىق بولۇش، دۆلەت بىخەتەرلىكى، شىنجاڭنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىزامىدا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن پارتىيە ھەم ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى سوت ۋە قانۇن دائىرىلىرىنىڭ مۇستەقىل گەۋدە ئىكەنلىكىنى ھەمدە خىتايدا قانۇن بىلەن باشقۇرۇش قەدىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە ئىدى. ھالبۇكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى خىتايدا بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەدلىيە قانۇن ئورۇنلىرى شۇنداقلا بارلىق دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بۇنداق بىر تۈزۈلمە ئاستىدا خەلقنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە ياكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
قەشقەر ئوتتۇرا سوتى قەشقەر سەمەن يولى ۋەقەسىدە ئەسىر ئېلىنغان ئابدۇراخمان ئازات ھەمدە قۇربانجان ھىمىتكە ئۆلۈم جازاسى ئېلان قىلىپ ئۆتكەن ئايدا ئىجرا قىلغان ئىدى، بۇنىڭ ئالدىدا قەشقەر قوشىراپ ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان 17 نەپەر ئۇيغۇرمۇ قەشقەر ئوتتۇرا سوتىدا بۆلگۈنچىلىك، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىيىسىگە سىمۋول، قەدىمىي، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بىرى بولغان قەشقەر دىيارى ئەزەلدىن خىتاينىڭ سىياسەتلىرى ئەڭ ئېغىر ھەم جىددىي يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جاي بولۇپ كەلمەكتە.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزى بويىچە ئالغاندا: قەشقەر خىتاينىڭ " مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپى."