قەشقەر پويىز ئىستانسىسىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ كومپيۇتېرىنى تەكشۈرۈش نارازىلىق قوزغىدى
2012.08.31
بۇ ئوقۇغۇچى مىكرو بلوگدا يەنە تۆمۈريول تارماقلىرىغا ئۇچۇر يوللاپ، قەشقەر ۋوگزالىدىكى رادىئودا پەقەتلا خىتاي تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلىپ، ئۇيغۇرلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان قەشقەر ۋوگزالىدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش يوقلۇقىنى ئىنكاس قىلغان. ئۇيغۇر بىز تورى مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ نارازىلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ كومپيۇتېرىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى نورمال ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ مەلۇم مىللەتكە قارىتىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر رايونىدىكى قاتناش تارماقلىرىدا قوش تىل مۇلازىمىتى بارلىقىنى، قەشقەر ۋوگزالىدىمۇ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بېرىلىدىغانلىقىنى ئىزاھلىغان.
رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈش بارغانچە كۈچەيتىلگەن. بولۇپمۇ 2-سېنتەبىر باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىپ، ھەرقايسى قاتناش تۈگۈنلىرىدىكى تەكشۈرۈش تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن.