ھېيتگاھ مەسچىتى، «خەلقنى باي قىلىش ۋە خاتىرجەم قىلىش قۇرۇلۇشى» دەپ نام قويۇلغان دۆلەتباغ يېزىسىدىكى 11-ئاھالىلەر رايونى، خىتاي-غەربىي ئاسىيا بازىرى قاتارلىق جايلارنى كۆچۈرگەن. ئۇ بارغان جايلاردا ساقچى پونكىتلىرىنىڭ نوپۇس ئىشخانىلىرىغا كىرمەي قالمىغان.
مېڭ جيەنجۇ ئاخىرىدا قەشقەر شەھەرلىك پارتكومدا مەجلىس ئېچىپ، ھالقىما تەرەققىياتنى يولغا قويۇشتا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ مېڭىش كېرەك دەپ يوليورۇق بەرگەن.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تور گېزىتى» دىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مېڭ جيەنجۇ ساقچى پونكىتلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نوپۇسىنى تېز بېجىرىش ئۈچۈن لايىھىلىگەن «خەلققە ئاسانلىق يارىتىش كارتىسى» غا رازىمەنلىك بىلدۈرۈپ، قەشقەر كونا شەھىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پارتىيىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پرىنسىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان قۇرۇلۇش، سىلەر ھازىر ھەقىقەتەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئورۇن بولۇپ يېتىلىپسىلەر، دېگەن ۋە ساقچىلار بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرغان.
ئۇيغۇرلار يىللاردىن بۇيان، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» دېگەن سۆزىنى، پەقەت خىتايلار ئۈچۈنلا ئىشلەش دېگەندىن ئىبارەت دەپ چۈشىنىدۇ.