شىنخۇا ئاگېنتلىقى قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە تەپسىلاتى يوق ئۇچۇر تارقاتتى

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىلا بۈگۈن، قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە كەينى -كەينىدىن خەۋەر ئېلان قىلدى.

كەچ سائەت 6 دىكى خەۋىرىدە، قەشقەردىكى يېمەك بازىرىدا، 12 لۈكچەك جىنايەت سادىر قىلىپ، 10 ئادەمنى چاناپ ئۆلتۈردى ۋە يارىلاندۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە ساقچىمۇ بار. ۋەقە يۈز بەرگەن ھامان ساقچىلار ئۇلارغا قارشى ئوق چىقاردى، ئۇلارنىڭ 4 نى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈردى، 4 نى قولغا تۇتۇۋالدى، يەنە 4 ئى قېچىپ كەتتى، دەپ بايان قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى كەچ سائەت 8 دىكى خەۋىرىدە، ئىككى نەپەر جىنايەتچى قەشقەردىكى يېمەك بازىرىغا بارىدىغان يولدا، قىزىل چىراقتا ساقلاپ تۇرغان بىر ئاپتوموبىلىنى بۇلاپ، ئادەم توپىغا قاراپ ھەيدەپ ماڭغان، ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا ئادەم چاناشقا باشلىغان. 6 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن، 28 ئادەمنى يارىلاندۇرغان. بۇ بازاردىكى خەلق بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىرىنى ئۆلتۈرگەن، بىرىنى تۇتۇۋالغان، دەپ بايان قىلدى.

رويترس، فىرانسىيە، بىرلەشمە ئاگېنتلىق قاتارلىق باشقا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۈگۈن قەشقەردىن ئۇچۇر بېرىش ئىمكانىيىگە ئىگە بولمىغانلىقتىن، ئۇلار پەقەت شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئېنىقسىز مەلۇماتلىرىدىنلا نەقىل ئېلىپ خەۋەر بېرىپ، خىتاينى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى يوشۇردى دەپ ئەيىبلىدى.

قەشقەر ۋىلايەتلىك بىرىنچى دوختۇرخانا خادىمىنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ساقچىلار بۇ دوختۇرخانىغا 30‏- 40 ياش چامىسىدىكى 4 نەپەر خىتاي يارىدارنى ئېلىپ كەلگەن، ئۇلار باش، كۆكرەك، پۇت-قوللىرى كېسىلىپ قاناپ كەتكەن ئېغىرراق يارىدارلار ئىكەن.

بۇلارنى داۋالىغاندا،ساقچىلار كېچىچە بۇ دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە دوكتورلارنى نازارەت قىلىپ تۇرغان. بۇ رايوندا بۇ داۋالىغۇچى خادىملار، بۈگۈن قەشقەردە ئىنتېرنېت تورلىرى ئېتىۋېتىلگەچكە، زادى نېمە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنىمۇ ئۇقالمىغان.

ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ گېزىتى بۈگۈن قەشقەردە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنى خەۋەر قىلماي، پەقەت جاڭ چۈنشەننىڭ شىنجاڭ ھەربىي رايوننىڭ بىرىنچى سىياسىي كومىسسارى بولۇپ ھەربىي ھوقۇقنىمۇ قولىغا ئالغانلىقىنى تەبرىكلەپ خەۋەر ئېلان قىلدى.