قەشقەردە نامەلۇم بىر كىشى 6 كىشىنى پىچاق تىقىپ يارىلاندۇرۇپ، ئارقىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى قەشقەردە 20 نەچچە ياشلاردىكى بىر كىشى كوچىدا كېتىۋاتقان 6 كىشىنى پىچاق تىقىپ يارىلاندۇرۇپ، ساقچىلار قورشاۋغا ئالغان چاغدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

خەۋەردە ۋەقە پەيدا قىلغۇچىنىڭ ھەم يارىلانغۇچىلارنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. پەقەت يارىلانغۇچىلاردىن بىرىنىڭ ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يارىدارلار دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان.

يارىدارلار ئارىسىدا ئوقۇغۇچى يارىدارنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا ئىكەنلىكى مەلۇم. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن قەشقەردىكى ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىچە ۋەقەدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا خىتاي ئىكەنلىكى، ھۇجۇمدىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىنىڭ بولسا ئۇيغۇر ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە رايوندىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ بارغانسېرى ئۆتكۈرلىشىشى، جۈملىدىن يەرلىك خەلقلەرنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئېقىپ كېلىشى بىلەن ياشاش ئىمكانلىرىدىن مەھرۇم قېلىشى، مىللىي زۇلۇمنىڭ جانغا پېتىشى مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى سۈپىتىدە بايان قىلىپ ئۆتۈلگەن.

قەشقەردە ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئارقا-ئارقىدىن ھۇجۇم ئېلىپ بېرىپ بارغان. ئارال ۋە يېڭىئېرىق يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەردە جەمئىي 12 نەپەر خىتاي كۆچمىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار مەيدانغا چىققان ئىدى.