قەشقەر تەۋەسىدە '5 - ئىيۇل ۋەقەسى'گە چېتىشلىق ھەر قانداق ئادەمنىڭ سىرتقا چىقىشى چەكلەندى

قەشقەر تەۋەسىدە 2009 - يىلىدىكى "5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىقى بار" دەپ قارالغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەن. خوڭكوڭدىن چىقىدىغان "سۇمرۇغ" قانىلىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ خىلدىكى سىياسەت قەشقەر شەھىرى قوغان يېزىسىدا كەسكىن يولغا قويۇلغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، مەزكۇر يېزا جانباز كەنتى ئامانلىق ساقلاش تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ جىگې مۇنداق دېگەن: " ئۆتكەن يىلى قالايمىقانچىلىق تېرىغانلارنىڭ يېزىدىن چىقىشىغا يول قويۇلمايلا قالماي، ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىپ، ئىش قىلىشىغا ئەسلا يول قويۇلمايدۇ."

ۋۇ جىگې نىڭ بىلدۈرۈشىچە، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن، مەزكۇر يېزىدا ئۈچ دەرىجىلىك مۇداپىئە ئەترىتى قۇرۇلغان. بۇلار "ئون ئائىلىلىك بىرلەشمە مۇداپىئە تارماق ئەترىتى"، "كەنت تارماق ئەترىتى" ۋە "كەنت كومىتېتى" قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدىكەن.

ئۇلار ئادەتتە مەھەللىگە سىرتتىن كەلگەن ئادەملەرنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە تېزىمغا ئېلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەندىن باشقا "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن ئۈرۈمچىدىن يۇرتىغا قايتۇرۇلغان ئادەملەرنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىپ تۇرىدىكەن.

خەۋەردە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: "ئۇ ( ۋۇ جىگې) ھەر كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە ئادەم باشلاپ پۈتۈن كەنتنى چارلايدىكەن، ئەترەتكە تەۋە كىشىلەرنىڭ ئەھۋالنى ئىگىلەيدىكەن، بولۇپمۇ، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە قاتناشقانلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئىدىيىۋى ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدىكەن."

"5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دە مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇتۇلۇپ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەنلىكى، ھەتتا يەنە باشقا يۇرتلاردىن كېلىپ، يىللاردىن بېرى ئۈرۈمچىدە تېرىكىچىلىك قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ "ئۈرۈمچىدە تۇرۇش رۇخسەتنامىسى" ئالالماي ئۈرۈمچىدىن كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، بۇنداق سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.