قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىلدى

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە، قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، تەپتىش ئىدارىسى ھەم ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېتتىكى پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويغان شۇنداقلا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قارىتا مۇناسىۋەتلىك جازالاش تەدبىرلىرى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېتتىكى پائالىيەتلىرىگە قويۇلىدىغان چەكلىمىلەر ھەققىدە توختىلىپ،"ئىنتېرنېت ھەم تېلېفوندا دۆلەتنى پارچىلاش مەزمۇنىدىكى ھەر قانداق ئەدەبىي ئەسەرنى ئېلان قىلغۇچىلار؛ قانۇنسىز دىنىي ئەقىدىلەر، دىنىي تەبلىخلەرنى تارقاتقۇچىلار؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يېتىدىغان مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارنى يوللىغانلار؛ مىللەتلەر ئارىسىدىكى مىللىي ئۆچمەنلىكنى ئۇرغۇتىدىغان خەۋەر - ئۇچۇرلارنى يوللىغۇچىلار؛ پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەم كادىرلار ئۈستىدىن ئۆسەك سۆز تارقىتىپ، ئۇلارغا ئىنتېرنېتتە ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ 'جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئاساسىي قانۇنى' ھەم 'جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى' دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن قانۇنىي جازاغا تارتىلىدىغانلىقى،" ھەم ئۇلارغا بېرىلىدىغان جازالارنىڭ تەپسىلاتى ئېلان قىلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇقتۇرۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئۇچۇر - ئالاقە چەكلىمىسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئىسپاتى ئىكەن.