ۋەقە 19 - ئۆكتەبىر كۈنى ھېيتكار مەيدانىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ھېيتكار مەيدانىدىكى ئىككى ئۇيغۇر ساقچى "ھۇررا"كۇلۇبىنىڭ كۆك رەڭلىك مايكىسىنى كىيىۋالغان كۇلۇب ئەزاسىنى ھېيتكار مەيدانىدا توسۇۋېلىپ، "كىيىمىڭىزدىكى كۆك رەڭ نېمىنى ئىپادىلەيدۇ ؟ كىيىمىڭىزگە 'ھۇررا شىنجاڭ' دەپ يېزىۋېلىپ نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى،" دېگەن سوئاللارنى سورىغان.
يولۇچى ساقچىغا بىرەر سائەتتەك چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارغا گەپ ئاڭلىتالماي ئاخىرى ساقچىلارنىڭ خىتاي باشلىقى بىلەن پاراڭلاشقان ۋە ئاۋارىچىلىقتىن ئاران قۇتۇلغان.
كۆزەتكۈچىلەر كۆك رەڭنىڭ ساقچىلارنى بىئارام قىلىشىدىكى سەۋەب شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ كۆك رەڭلىك ئىكەنلىكىدە بولسا كېرەك، دەپ قارىماقتا. لېكىن يەنە بەزى جەمئىيەتشۇناسلار، قەشقەر دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى قەشقەردە يۈز بەرگەن ئولىمپىك مەزگىلىدىكى ۋەقەلەرنىڭ دائىرىلەردە پەيدا قىلغان سەزگۈرلۈك كېسىلى، دەپ كۆرسەتمەكتە.
ئولىمپىك ھارپىسىدا 2 ئۇيغۇر ياش قەشقەردىكى خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ئەتىگەنلىك يۈگرەشكە چىققان ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، 16 ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەن. لېكىن 4 - ئاۋغۇستتىكى بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن چەتئەللىكلەر بولسا توقۇنۇشنىڭ ساقچى كىيىملىك كىشىلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەمەلدارى ۋاڭ باۋدۇڭ ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئاممىۋى رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يېقىنقى بىر پروگراممىسىدا ۋەقەنىڭ ساقچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، ۋەقە پەيدا قىلغان 2 كىشىنىڭ بىرىنىڭ ساقچى كىيىمى كىيىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 4 - ئاۋغۇستتىكى بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، قەشقەردە ئالاھىدە جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويماقتا ئىدى.