خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى'دا ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېزىلىرىدا قوش تىللىق بالىلار باغچىسى قۇرۇش ئىشى "ئاپتونوم رايوننىڭ 2008 - يىلىدىن 2013 - يىلىغىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن قوش تىللىق بالىلار باغچىسى قۇرۇش پىلانى" غا ئاساسەن بۇ يىل 7 - ئايدا باشلانغان ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئىشقا ناھىيە ئەمەلدارلىرى، بولۇپمۇ ناھىيىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت يەر - زېمىن ئىدارىسى، قانۇن كومىتېتى قاتارلىق تارماقلىرى بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلماقتا. بۇ ناھىيىدە ھازىر يەنە 8 جايدا قوش تىللىق بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇ ناھىيىدىكى قوش تىللىق بالىلار باغچىلىرىنىڭ سانى پات - ئارىدىلا 90 غا يېتىدۇ.
