قەشقەر ۋىلايىتىدە 'تۆتنى تونۇش' سەييارە تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلماقتا

قەشقەر ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى مەخسۇس "تۆتنى تونۇش" تەشۋىقات گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، توققۇزاق ناھىيىسىدە لېكسىيە ئۇيۇشتۇرغان.

لېكسىيە "ۋەتەننى سۆيۈپ يۇرتنى گۈللەندۈرۈش" دېگەن تېمىدا ئېلىپ بېرىلغان. ئوخشاش لېكسىيە ئۆتكەن ئايدا پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى بىر مەسچىتتە ئۆتكۈزۈلگەن ۋەز - نەسىھەت مۇسابىقىسىدىمۇ سۆزلەنگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىن كۈتۈۋاتقان 4نى تونۇش - دۆلىتىنى تونۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنى تونۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش ۋە سوتسىيالىزمنى تونۇشتىن ئىبارەتتۇر.

قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى قارشىلىق ئىدىيىسىنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تەشۋىقاتتا، دىنىي زاتلار بىلەن مائارىپچىلاردىن پايدىلىنىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.

تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان خۇسۇسىي كارخانىچىلارغا ياردەم بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يوقلۇقى، بۇنىڭ بىلەن تەڭ، توققۇزاقتا ئېچىلغان 4 نى تونۇش يىغىنىدا خىتايلارنىڭ يوقلۇقى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.