قەشقەر خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىمى خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئىستراتېگىيىسى قوللانماقتا

خىتاينىڭ چېگرا مۇداپىئە تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق چېگرا مۇداپىئە قىسىمى، بۇ ئايدىن باشلاپ " خەلقنى سۆيۈپ، چېگرىنى قوغداش" ئىسىتراتېگىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۈر ئىسىتراتېگىيىدە خىتاي جەڭچى، ئوفېتسىرلىرىنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىمى جايلاشقان رايوندىكى يەرلىك دېھقان، چارۋىچىلار بىلەن يەنىمۇ يېقىنلىشىش، ئۇلارغا خالىسانە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ خەلقنى سۆيۈش ئىدىيىسىنى نامايەن قىلىپ، "خەلقنىڭ ئارمىيىدىن ئايرىلالمايدىغان، ئارمىيىنىڭمۇ خەلقتىن ئايرىلالمايدىغانلىقى" نى يەنىمۇ تونۇش ھەمدە يەرلىك ئامما بىلەن ھەر جەھەتتە ھەمكارلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا دائىر بىر قاتار تەدبىرلەر بەلگىلەنگەن.

نۆۋەتتە قەشقەر چېگرا مۇداپىئە قىسىمىدىكى خىتاي جەڭچى، ئوفېتسىرلىرى يەرلىك دېھقانلارنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىش، دېھقانلارنىڭ سىرتلارغا يۆتكىلىپ ئىش تېپىشىغا ياردەملىشىش، تېخنىكا جەھەتتە ياردەملىشىش، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلارغا، ئاجىز يىتىم ‏ - يىسىرلارغا ياردەملىشىشكە ئوخشاش پائالىيەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا ئىكەن.

بۇ ئارقىلىق ئۇلار، چېگرا ئەسكەرلىرىنىڭ خەلقنى سۆيۈش، خەلقنى قوغداش، چېگرانى مۇداپىئە قىلىش روھىدىن خەلقنى تەسىرلەندۈرۈپ، خەلق بىلەن بولغان ئىجىللىقىنى ئاشۇرماقچى ئىكەن.

قەشقەر خەلقىنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، ئۇلار قەشقەرگە جايلاشقان خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىمىنىڭ يىللاردىن بۇيان، كۈندە شەھەر ئىچىدە ھەربىي مەشقلەرنى قىلىپ خەلققە ھەيۋە كۈرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن بىزار بولغان.

قەشقەر چېگرا مۇداپىئە قىسىمىنىڭ 70 نەپەر خىتاي ئەسكەرلىرى 2008 - يىلى 4 - ئاۋغۇستتا سەمەن يولىدا ئەتتىگەنلىك يۈگرەشكە چىىققاندا ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 17 سى ئۆلۈپ، يەنە 16 سى يارىلانغان ئىدى.