خىتاي قەشقەر ۋىلايىتىدىن 2000 كادىرنى سەندۇڭغا ئاپىرىپ مېڭىسىنى يۇيۇشقا باشلىدى

'بوشۈن تور گېزىتى' بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ سەندۇڭ ئۆلكىسى 'نىشانلىق ياردەم بېرىش' دېگەن نام بىلەن 10 قارار كۇرس ئېچىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر، يېڭىسار، يوپۇرغا، مارالبېشى ناھىيىلىرىنىڭ ناھىيە، يېزا، كەنت دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش باشلىقلىرىدىن ئىككى مىڭ كادىرنى سەندۇڭغا ئاپىرىپ تەربىيىلەشنى پىلانلىغان.

خىتاينىڭ خەلق گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، سەندۇڭدا ئېچىلغان بۇ كۇرسلاردا، قەشقەرنىڭ يەرلىك كادىرلىرىغا خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ 'شىنجاڭغا ياردەم بېرىش' دېگەن نامدىكى سىياسەتلىرىنى ۋە نىشانلىق 'ياردەم' بېرىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا خىتايچە سانائەتلەشكەن باغ رايونى بەرپا قىلىش سىياسەتلىرىنى تەپسىلىي ئۆگىتىپ، ئۇلارنى مۇشۇ سىياسەتلەرنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلىدىغان قىلىدىكەن.