قەشقەر ۋىلايىتى بىرىنچى پەسلىدە 200 مىڭ ئادەمنى سىرتقا ئىشلەشكە يۆتكىدى

2009 - يىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە زور تۈركۈمدە ئەمگەك كۈچى سىرتلارغا يۆتكەلگەن بولۇپ، قەشقەر ھۆكۈمەت ئاخباراتى 2009 - يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىدە مەزكۇر ۋىلايەت تەۋەسىدىن 200 مىڭ 400 ئادەمنىڭ سىرتقا ئىشلەشكە يۆتكەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

قەشقەر خەۋەرلەر تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتى ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش خىزمىتىدە " ئىككى قولدا تۇتۇش پرىنسىپى "دا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، نەتىجىدە سىرتلارغا يۆتكەلگەن دېھقان ئەمگەكچىلەر نىسبىتى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 35.04 پىرسەنت ئاشۇرۇلغان.

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش خىزمىتى "پەسىللىك بولۇش خاراكتېرىدىن قېلىپلىشىش" ھالىتىگە ئۆزگەرتىلىپ ئەمگەكچىلەرنى دائىم سىرتلارغا يۆتكەش مېخانىزمى شەكىللەنگەن.

قەشقەر ۋىلايىتى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش باھانىسىدە 2004 - يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئاساس قىلغان ئەمگەكچىلەر قوشۇنىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي زاۋۇتلىرىدا ھەر خىل دەپسەندىچىلىكلەرگە يولۇقۇۋاتقانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەرمۇ مەيدانغا كەلگەن ئىدى.