تەڭرى تاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەر شەھىرى بۇلتۇر 4 - ئايدا 3414 يۈرۈش ئۆي قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلاپ، ھازىرغىچە 970 يۈرۈشنى پۈتتۈرگەن، بۇ يىل 4 - ئايغىچە بۇ 970 يۈرۈش ئۆيگە كونا شەھەر رايونىدىكى ئۆيى چېقىلغان ئائىلىلەر ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلان قىلغان. خەۋەردە يەنە بۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە 4622 ئائىلىنى كونا شەھەردىن يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقى قارار قىلىنغان.
قويۇق مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە، قەشقەر كونا شەھەر رايونى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا سېلىنغان كونا قۇرۇلۇش شەكلى بىلەن پەرقلىق بولۇپ، مەزكۇر رايوندا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلار، ئاتا - بوۋىلىرىدىن قالغان مىراسلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتكە كۆپ قېتىم ئىلتىماس سۇنغان. بىراق ھۆكۈمەت "كونا شەھەر رايوندىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش تارىخىي ۋەزىپە" دېگەن شوئار ئاستىدا ئاھالىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، رايوندىكى كونا قۇرۇلۇشلارنى پۈتۈنلەي چېقىپ يوقىتىش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن.
قەشقەر كونا شەھەر رايونىدا ئاتا - بوۋىسىدىن قالغان مىراسقا ۋارىسلىق قىلالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغان بىر ئۇيغۇر، ئىستانسىمىزغا ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىغا كۆنمىسە، كونا شەھەر رايونىدىكى ئۆيىنىڭ ئورنىغا بېرىلگەن بىنا ئۆيدىن قۇرۇق قالىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتە كۆچۈشكە قوشۇلمىغان ئاھالىلارنى قاتتىق جازالاش چارىلىرىنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.