قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى ئۆيلەرنى مەجبۇرى چېقىش داۋاملاشماقتا

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى ئۆيلەرنى قايتا ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ، مۇخبىرلار ئۆمىكى قەشقەرگە كېلىپ قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇش ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس زىيارەت ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر شەھىرىگە خىتاي مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىنى ئەۋەتىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ئەھۋال ئەمەس، چۈنكى بۇ يىلنىڭ بېشىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمى بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان، قەشقەر شەھرىنىڭ كونا شەھەر رايونىدىكى، ئۇيغۇرلار زىچ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردىكى، ئۇيغۇر مىللى بىناكارلىق ئۇسلۇبى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئۇيغۇر ئەنەنىۋى ئۆرپ - ئادەت ۋە مەدەنىيەت پۇرىقى قويۇق بولغان، ئۇيغۇر مەھەللىرىنى چاقماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا، بۇ ئىش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى ھەمدە خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تور بەتلىرىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قەشقەردىكى بۇ قەدىمى مەدەنىيەت ئىزىنى يوقاتماقچى بولغانلىقىنى تەنقىدلىگەن ئىدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قەشقەردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭمۇ نارازىلىقلىرى ھەم قارشىلىقلىرىغا ئۇچرىغان ئىدى.

بۇ يىل 3 - ئاي مەزگىللىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قەشقەر شەھرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نامىدا قەشقەر شەھىرىدىكى بۇ قەدىمىي شەھەر رايونىغا جايلاشقان تۇرالغۇ لارنى چېقىش ھەرىكىتى خەلقارادىمۇ كۈچلۈك قارشىلىق ئىنكاسلىرىنى قوزغىغان بولۇپ، ئامېرىكىدا چىقىدىغان "ۋاشىنگتون پوچتىسى" گېزىتىدە مەزكۇر گېزىتنىڭ بېيجىڭدىكى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى موئۇررىن فاڭنىڭ "بىر قەدىمىي مەدەنىيەت يەر بىلەن يەكسان قىلىنماقتا" ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان ئىدى.