قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمى بارغانچە كېڭەيمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش" نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان "چېقىپ يۆتكەش" قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمىنى بارغانچە كېڭەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

تەڭرىتاغ تورىدا كۆرسىتىشىچە، قەشقەر يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 5 رايوندا ئۆزگەرتىپ قۇرۇش سىناق نۇقتىسى قۇرغان. سىناق نەتىجىلىك بولغاندىن كېيىن بۇ خىل "قەدىمىي شەھەر رايونىدىكى كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قۇرۇلۇشى ئومۇملاشتۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەن."

23 - مارت بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قەدىمىي قەشقەرنى چېقىش قۇرۇلۇشىغا 70 مىليارد يۈئەن مەبلەغ سالغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مەسئۇلى شى شىشۇڭ، قەشقەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى "ئۆي ئىگىلىرى ئۆزى چىقىپ، بىر تۇتاش سېلىش" قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە سىناق قىلىپ نەتىجە قازانغانلىقىنى ھەمدە "بۇ خىل ئۇسۇلنى بۇ يىل تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ئاساستا كېڭەيتىدىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغان خىتاي قەدىمىي قەشقەر رايونىنىڭ 85 پىرسەنتىنى چېقىپ يۆتكەپ، بۇ رايوندىن200 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسنى كۆچۈرىدىكەن.

بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا قەشقەرنىڭ قەدىمىي شەھەر رايونىدا پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى مەسىلىدىن كۆپ ئەندىشە قىلىدىكەن.