ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، 12 - ئاينىڭ باشلىرىدا « ھەممىدىن قۇدرەتلىك ئىلاھ» دەپ ئاتالغان بىر دىنىي تەشكىلات شىنىڭ شەھىرى قاتارلىق كۆپ جايلاردا تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىپ، «دۇنيانىڭ ئاخىرقى كۈنى يېتىپ كېلىۋاتقانلىقى»، پەقەت «ھەممىدىن قۇدرەتلىك ئىلاھقا ئىشەنگەندىلا قۇتۇلۇپ قالغىلى بولىدىغانلىقى» نى تەشۋىق قىلغان. خوڭكوڭدىكى بىر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي يېقىندا دۇنيانىڭ ئاخىرقى كۈنى يېتىپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئائىت گەپ تارقاتقان «ھەممىدىن قۇدرەتلىك ئىلاھ» تەشكىلاتىنىڭ 50 دىن ئارتۇق ئەزاسىنى قولغا ئالغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ دېڭفېڭ رايونىدا مەزكۇر دىنىي تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئۇلار ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن ھەمدە ساقچىلار ئون نەچچە ئادەمنى قولغا ئالغان.
خىتايچە«بەيدۇ» قامۇس تۆرىدىكى ئىزاھاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «ھەممىدىن قۇدرەتلىك ئىلاھ» دەپ ئاتالغان مەزكۇر دىنىي تەشكىلاتى ئادەتتە « شەرق چاقمىقى» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. بۇ تەشكىلات قويۇق سىياسىي تۈس ئالغان بولۇپ، خرىستىيان دىننىڭ تارمىقى سۈپىتىدە پائالىيەت قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، خىتاينىڭ خېنەن ئولكىسىدىكى «بىر ئايال ئىلاھ ئاخىرقى ئەيسا بولۇپ، خىتاينىڭ پۈتۈن ھوقۇقىنى قولغا ئالىدىكەن».
بۇ دىنىي تەشكىلات 1990 - يىللاردا خېنەن ئۆلكىسىدە پەيدا بولغان،ھازىر خىتاينىڭ باشقا كۆپلىگەن ئۆلكىلىرىگە كېڭىيىۋاتقان ئىكەن.