قىرغىزىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدە يەكشەنبە كۈنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 16 كاندىدات ئۈچۈن بېلەت تاشلانغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دەسلەپكى قەدەمدە ھازىرقى باش مىنىستىر 53 ياشلىق ئالماسبېك ئاتانبايېفنىڭ ئېرىشكەن ئاۋازى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا، مىللەتچىلەرگە مەنسۇپ قامچىبېك تاشىيېف بىلەن ئاداكھان مادۇماروف قاتارلىقلارمۇ كۈچلۈك نامزات ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ قېتىمقى سايلامغا پرېزىدېنت روزا ئوتۇنبايېۋا ئۆز نامزاتىنى كۆرسەتمىگەن بولۇپ، چۈنكى قانۇن بويىچە ئۇنىڭ نامزاتلىقىنى كۆرسىتىشى ھوقۇقى يوق ئىكەن.

قىرغىزىستاندىكى بۇ سايلام 2010-يىلى بىشكەكتىكى سىياسىي ئۆزگىرىش ۋە 6-ئايدا ئوشتا يۈز بەرگەن قانلىق ئېتنىك توقۇنۇشتىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن تۇنجى قېتىملىق دېموكراتىك ۋە قانۇنلۇق پرېزىدېنت سايلىمىدۇر.