بىراق، "ماناس" داستانىنىڭ مەزكۇر سالاھىيەتكە ئېرىشىشى قىرغىزىستاندا بىر مەيدان غۇلغۇلىلارغا سەۋەب بولغان بولۇپ، بۇنىڭغا سەۋەب بولغان ئامىل مەزكۇر داستاننىڭ قىرغىزىستان تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى خىتاي تەرىپىدىن ب د ت غا سۇنۇلۇپ، مەزكۇر سالاھىيەتكە ئېرىشىشىدۇر.
بىر قىسىم قىرغىز زىيالىيلىرى ماناس داستانىنى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈشكە قىرغىزىستاننىڭ ئىگە بولۇشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
قىرغىزىستاننىڭ "24 سائەت" ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، " ئايتىش" دەپ ئاتالغان ئاممىۋى فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى سادىق شىرنىياز مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى، يۇقىرى كېڭىشى ۋە ھۆكۈمىتىگە مۇراجەت قىلىپ، "قىرغىزلارنىڭ ماناس داستانى ب د ت، پەن - مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئورگىنىنىڭ غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە خىتاي تەرىپىدىن كىرگۈزۈلمەسلىكى كېرەك،" دەپ جاكارلىغان ھەمدە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى بۇ بايلىققا ئىگە بولۇشقا چاقىرغان.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئىككى يىلىدىن بۇيان ماناس داستانىنى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان بولسا، قىرغىزىستان تەرەپ 2000 - يىلىدىن ئېتىبارەن ئىلتىماس سۇنۇشنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، بىراق ب د ت نىڭ مەزكۇر ئورگىنى پەقەت بۇ داستان ھازىرمۇ داڭلىق دەپ جاۋاب بەرگەن، ئەمما خىتاينىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلىغان.
ماناس داستانىنىڭ قىرغىزىستان تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئىلتىماسى بويىچە ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى، غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىشىدىن كېلىپ چىققان تۈرلۈك ئىنكاسلار قىرغىزىستاننىڭ "24 سائەت"، "ئاكىپرەسس" قاتارلىق تۈرلۈك ئاگېنتلىقلىرىنىڭ تور بەتلىرىدە ئېلان قىلنغان ئىدى.