رويتېرستا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئانالىزچىلار بۇنى مەزكۇر دۆلەتتە 2010 - يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنتلىق سايلىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراشماقتا.
باقىيېف دۈشەنبە كۈنى يەنە، ئىلگىرى خىتايدا باش ئەلچى بولۇپ تۇرغان قادىربەك سابايېفنى قىرغىزىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىگەن.
خەۋەردە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، باقىيېف بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئاساسىي سەۋەبنىڭ قىرغىزىستاننى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يولۇققان مەسىلىلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە نۆۋەتتە ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ ياش رەھبەرلەرگە بەكرەك نەزەر تاشلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ يىل 38 ياشلىق ئۆمۈربەك بابانوف، 2007 - يىلى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە ۋاكالىتەن قىرغىزىستان پارلامېنت سايلىمىغا قاتناشقان بولۇپ، سايلامدا ئۇتۇپ چىقالمىغاندىن كېيىن سىياسىيدىن ۋاز كېچىپ سودىغا كىرىشكەن.
رويتېرستا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە باقىيىف يەنە بىر نەچچە نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان ھەمدە بۇ ھەقتە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن بولۇپ، ئەمما ئانالىزچىلار باقىيىفنىڭ بۇنداق تەدبىرلەرنى ئېلىشى، 2010 - يىلىدىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمى ئالدىدا ئۆزىنى قوللايدىغانلار سېپىنى ئۇلغايتىش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.