قىرغىزىستاندا ئېتنىك توقۇنۇشتىن كېيىن تۇنجى قېتىم سوت ئېچىلدى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىشكەكتىن بايان قىلىشىچە، قىرغىزىستاندا بۈگۈن جالالئاباد شەھىرى نۇكەن رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى نۇرگازى ئالىمكۇلۇف 3 كىشىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى، 2 كىشىگە 15 يىللىقتىن 20 يىللىققىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.

بۇ، قىرغىزىستاندا بۇ يىل 6‏ - ئايدا يۈز بەرگەن بىر نەچچە يۈز ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، 2 مىڭدەك ئۆي كۆيدۈرۈلگەن، 400 مىڭدىن ئارتۇق يەرلىك ئاھالىنىڭ تۇرمۇشى ۋەيران قىلىنغان دەھشەتلىك ئېتنىك توقۇنۇشتىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئېچىلغان سوت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

قىرغىز كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سەردار باغشىبېكوفنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، بۈگۈنكى سوتتا يان بېسىش مەسىلىسى ئېغىر، شۇنداقلا ئەيىبلىگۈچىلەر قاتتىق كونترول قىلىۋېلىنغان، ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلارغا كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىلگەن.

ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، نۇكەن رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە بۈگۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۆزبېكنىڭ ئىسمى ئازىمجان ئاسكاروف.