قىرغىزىستاننىڭ بىر پارلامېنت ئەزاسى ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى

قىرغىزىستان پارلامېنتىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆكتىچى پارتىيە ئەزاسى، بىخەتەرلىك مەسىلىسى تۈپەيلى قىرغىزىستاندىن ۋاقىتلىق ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، پارلامېنت ئەزاسى باقىت بەشىموۋ، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيىۋقا بولغان قارشى پىكرى تۈپەيلى، ئۆچ ئېلىشى ئوبيېكتىغا ئايلانغانلىقى، نەتىجىدە قىرغىزىستاندىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن، مەزكۇر قارارغا كەلگەنلىكى، چۈنكى باشقىلارنىڭ ئۇنى بۇ يىل ئاۋغۇستتا پۈتۈنلەي يوقاتماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باقىت بەشىمنوۋ بۇ يىل ئىيۇلدىكى قىرغىزىستان پرېزىدېنتلىق سايلىمى جەرياندا قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيۋقا قارشى سايلامغا چۈشكەن ئالماسبېك ئاتامبايېۋنىڭ سايلام پائالىيىتىنى باش بولۇپ تەشكىللىگەن پارلامېنت ئەزاسى ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئىيۇلدا قىرغىزىستاندا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا باقىيېۋ قايتا سايلانغاندىن كىيىن، باقىت بەشىموۋ ئامېرىكىغا كەلگەن.

ئۇ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا قۇرمانبېك باقىيېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز ھۆكۈمەت ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇ ھۆكۈمەتنى تونۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە قىرغىزىستاندا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.