قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى رۇسىيە دائىرىلىرىدىن ئەسكەر ئەۋەتىپ ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى

جەنۇبى قىرغىزىستاندا پارتلىغان مىللىي توقۇنۇش ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى پرېزىدېنتى روزا ئوتۇنبايېۋا شەنبە كۈنى ۋەزىيەتنى كونترول قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيە دائىرىلىرىدىن ئەسكەر ئەۋەتىپ ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-06-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺵ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﺳﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ - ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﺘﯩﻦ ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﻗﯧﺮﻯ - ﭼﯚﺭﻩ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﭘﺎﻧﺎﻟﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.

www.guardian.co.uk ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

10 - ئىيۇن كەچ سائەت 11 لەردە قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستى ئوش شەھىرى ۋە قارا سۇ رايونىدا قىرغىز - ئۆزبېك مىللەتلىرى ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. بۈگۈنكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 62 ئادەم ئۆلگەن 800 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

روزا ئوتۇنبايېۋا قىرغىزىستان خەلقىگە قىلغان تېلېۋىزىيە باياناتىدا، رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋگە ئەسكەر ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىپ ئىمزالىق مەكتۇپ يوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ نۇتقىدا: "تۈنۈگۈندىن باشلاپ، ئىشلارنى يىغىشتۇرالماي قالدۇق. بىز توقۇنۇشنى بېسىقتۇرۇشتا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ياردىمىگە موھتاج" دېگەن.

قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى ئوش ئوبلاستىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا 20 - ئىيۇنغا قەدەر ھەربىي ھالەت يولغا قويۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، توقۇنۇشتىن كېيىن مىڭلىغان ئۆزبېك ئايال ۋە بالىلار ئۆزبېكىستان چېگرىسىغا قېچىپ كەلگەن.

تولۇق بەت