10 - ئىيۇن كەچ سائەت 11 لەردە قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستى ئوش شەھىرى ۋە قارا سۇ رايونىدا قىرغىز - ئۆزبېك مىللەتلىرى ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. بۈگۈنكى سانلىق
.
روزا ئوتۇنبايېۋا قىرغىزىستان خەلقىگە قىلغان تېلېۋىزىيە باياناتىدا، رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋگە ئەسكەر ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىپ ئىمزالىق مەكتۇپ يوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ نۇتقىدا: "تۈنۈگۈندىن باشلاپ، ئىشلارنى يىغىشتۇرالماي قالدۇق. بىز توقۇنۇشنى بېسىقتۇرۇشتا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ياردىمىگە موھتاج" دېگەن.
قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى ئوش ئوبلاستىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا 20 - ئىيۇنغا قەدەر ھەربىي ھالەت يولغا قويۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، توقۇنۇشتىن كېيىن مىڭلىغان ئۆزبېك ئايال ۋە بالىلار ئۆزبېكىستان چېگرىسىغا قېچىپ كەلگەن.