قىرغىزىستاندىن 50 مىڭ رۇسىيىلىك كۆچۈپ كېتىدۇ

ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشايدىغان رۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزلىرىنى رۇسىيىلىك دەپ ھېسابلىغان كىشىلەر تۈركۈم - تۈركۈملەپ رۇسىيىگە كۆچۈپ ماكانلاشماقتا.

يېقىندا رۇسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋلادىمىر فىلىپپوۋ 50 مىڭ ئادەمنىڭ رۇسىيىگە كۆچۈش ئىلتىماسى سۇنغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە 30 مىڭ ئادەمنىڭ رۇسىيىگە كۆچۈپ ماكانلاشقانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

قىرغىزىستاننىڭ "24 سائەت" دەپ ئاتالغان ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر رۇسىيە كۆچمەن ئىشلىرى ئەمەلدارى مەزكۇر كۆچمەنلەرنىڭ %65 نىڭ رۇسىيىنىڭ كالىنىڭراد ئوبلاستىغا، ئاز بىر قىسىمىنىڭ تامبوۋ ئوبلاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قىرغىزىستاندىن كۆچكەن رۇسىيە كۆچمەنلىرى ئۆزلىرىگە قولايلىق، ھاۋا كىلىماتى قىرغىزىستان بىلەن ئازراق بولسىمۇ، يېقىنچىلىقى بار جايلارغا كۆچۈشكە ئىنتىلگەن بولۇپ، رۇسىيىنىڭ بەزى ئۆلكىلىرى گەرچە ئادەمگە مۇھتاج بولسىمۇ، لېكىن كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىنى ياخشى ئېلىپ بارمىغان ئىكەن.

بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى رۇسىيە ھۆكۈمىتى ھەر قايسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشايدىغان رۇسلارنى ۋە باشقا ئۆزلىرىنى رۇسىيىلىك دەپ ھېسابلىغان ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسىي بار كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 مىليون ئادەمنى رۇسىيىگە كۆچۈرۈپ كېلىپ ماكانلاشتۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇنىڭغا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى رۇسلار ئاۋاز قوشقان بولۇپ، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى رۇسلار ئارىسىدا كۆچۈش دولقۇنى قوزغالغان. ئەمما قازاقىستاندىكىلەر ئارىسىدا كۆچۈش كەيپىياتى ئازراق ئىكەنلىكى مەلۇم. رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۆز ۋەتەنداشلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىشتە بىر قاتار بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان ئىدى.

ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسلارنىڭ پەيدا بولۇشى 18 - ئەسىردىن باشلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆپ كەلگەن ۋاقتى سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلى، بولۇپمۇ 1960 - يىللار ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سلاۋىيانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپەيگەندە 9 مىليوندىن ئاشقانلىقى مەلۇم، لېكىن بۇ جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن رۇسلارنىڭ كۆچۈشى ئۈزلۈكسىز توختىمىغان بولۇپ، بۇرۇنقىدىن كوپ ئازلاپ كەتكەن ھەمدە داۋاملىق ئازلىماقتا.