قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا تاقالدى

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بىشكەكتىن بايان قىلىشىچە، قىرغىزىستان تۈنۈگۈن تاجىكىستان بىلەن بولغان چېگرىسىنى تاقىدى.

قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا ھازىر، پەقەت دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتىلا ساقلىنىپ قالدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن، تاجىكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ماخموتايۇف 'تاجىكىستان قىسىملىرىنىڭ بىر ئاپتوموبىل ئەترىتى پاكىستان، ئافغانىستان ۋە رۇسىيىنىڭ چېچەنىستاندىن كەلگەن ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، بۇ ۋەقەدە تاجىكىستاننىڭ 19 ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى' دەپ جاكارلىغان ئىدى.