بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى: "قىرغىزىستاندىكى ئۆزبېك مەھبۇسلىرى تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتىدۇ"

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 6 - ئايدا قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن، قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئارىسىدىكى ئېتنىك توقۇنۇشتىن كېيىن، يۈزلىگەن ئۆزبېكلەر قىرغىزىستان بىخەتەرلىك ئەترىتى خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرلۈك تەن جازاسى ئارقىلىق قىيناپ سوراق قىلىنىشقا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.07.22

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى پىئېر، سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا بۇ خەۋەرنى دەلىللىگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى خىزمەتچى خادىملار تاپشۇرۇۋالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان ئۆزبېكلەرگە نىسبەتەن، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، قىيناش ۋاسىتىلىرىنى قوللانغان. ئۇلار تاپشۇرۇۋالغان مەلۇماتلاردا، قىرغىزىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى قولغا ئېلىنغان ئۆزبېكلەرگە قارىتا، تاماكا چوغى ئارقىلىق كۆيدۈرۈش، تىرناقلىرىنى سۇغۇرۇۋېلىش، مىلتىق پاينىكى ياكى ساقچى كالتەكلىرى بىلەن ئۇرۇش ئارقىلىق مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللانماقتا ئىكەن.

پېئىر سۆزىدە يەنە قىرغىزىستان بىخەتەرلىك ئەترىتى خادىملىرىنىڭ سوراق جەريانىدا بۇ خىل قىيناش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشى، قىرغىزىستان دۆلەت قانۇنى ھەم خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ بولۇپ قالماستىن، بەلكى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا ناھايىتى ئاجىز ھالەتتە تۇرغان نىسپىي تىنچلىق ۋەزىيىتىنىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەينى چاغدىكى ئۆزبېكلەر بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدىكى ئېتنىك توقۇنۇشتا 2000 دەك ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرمۇ رايون ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي ھالەتتە ئىكەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.