پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇلار قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلغان بولۇپ، سۆھبەتنىڭ ئىچىدە قىرغىزىستاندا بولىدىغان يېڭى ئاساسىي قانۇن ۋە پارلامېنت سايلىمى قاتارلىقلارمۇ ئورۇن ئالغان.
مۇزاكىرىلەر نەتىجىسىدە، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىدا يېقىنلىق شەكىللىنىپ، مەزكۇر جۇمھۇرىيەت ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ھەمكارلىشىشقا كېلىشكەن.
مەلۇمكى، 7 - ئاپرىلدا بىشكەكتە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن سابىق پرېزىدېنت باقىيېف جالالئابادقا قېچىپ كېتىپ ۋەزىيەتنى تۇراقسىزلاشتۇرغاندا، رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە قازاقىستان تەرەپ ئۇنىڭ بۇ جۇمھۇرىيەتتىن كېتىشى شۇنىڭدەك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم.
ئامېرىكا ۋە رۇسىيە تەرەپ يېڭى ھۆكۈمەتكە ئىقتىسادىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.