قىرغىزىستاندا پارلامېنتقا كىرەلمىگەن پارتىيىلەر سايلام نەتىجىسىگە ئېتىراز بىلدۈردى

قىرغىزىستاندا 10 - ئۆكتەبىر كۈنى ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىدا پارلامېنتقا كىرەلمىگەن پارتىيىلەر سايلام كومىتېتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، بېلەتنىڭ قايتا سانىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئاقىلبېك سارىيېۋ بۇ ھەقتە بايانات بەرگەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، "زامانداش" ۋە "ھەقىقەت" پارتىيىلىرى سايلام كومىتېتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ سايلام بېلەتلىرىنىڭ قايتىدىن سانىلىشىنى، "پۈتۈن قىرغىزىستان پارتىيىسى" بولسا 10 - ئۆكتەبىردىكى سايلامنىڭ ئىناۋەتسىز قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئەمما سايلامدا پارلامېنتقا كىرىشكە مۇۋەپپەق بولغان 5 پارتىيە بولسا سايلام نەتىجىسىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى، سايلاملارنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قىرغىزىستاندا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا 5 پارتىيە پارلامېنتقا كىرگەن. ئەمما ھېچبىر پارتىيە ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت تەشكىللىگۈدەك ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى. نۆۋەتتە، مەزكۇر 5 پارتىيىنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللىشى كۈتۈلمەكتە.