قىرغىزىستان خىتاينىڭ يۇمشاق ۋاستىلىرىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ماللىرى يامراپ كەتكەن قىرغىزىستاندا، خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى9‏ - ئاينىڭ 25 ‏ - كۈنىدىن ئېتىبارەن، قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەكتە رۇسچە ئاڭلىتىش بېرىشكە باشلىغاندىن كېيىن، دەسلەپتە قىرغىزىستاندا قىزىقىش پەيدا بولغان، ھەتتا خىتايچە ئۆگىنىشكە باشلىغانلارمۇ بولغان ئىدى، ئەمما ھازىر قىرغىزلار ئارىسىدا ھەرخىل تالاش - تارتىش پەيدا بولدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بۇنىڭدىن بۇرۇن، پەقەت شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئىچىدىلا قىرغىزىستانغا ئۆزىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرالايتتى. ئەمما بىر ئايدىن بۇيان، بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى بۇ دۆلەت قىرغىزىستاندا ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سەرپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، رايون خاراكتېرلىق بىخەتەرلىك دېگەن نام ئاستىدا مەدەنىيەت، سەنئەت، ئىدىئولوگىيە قاتارلىق ھەممە ساھەدىن قىرغىزىستانغا سىڭىپ كىرىپ، ھەرخىل رىكلاملار ئارقىلىق سودىگەرلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، قىرغىز جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىنى پارچىلاشقا باشلىغان ئىدى.

سىياسىي تەشۋىقاتلاردىن ئاللىقاچان بىزار بولغان قىرغىزلار ھازىر، خىتاينىڭ پەدەزلەنگەن سىياسىي تەشۋىقاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇمشاق ۋاستىلىرىنى ھېس قىلىشقا ۋە بۇ ھەقتە قارشىلىق ئىپادىلەپ، ئۆز دۆلىتىگە تەكلىپ بېرىشكە باشلىدى.