قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا يەنە ئېتنىك جېدەل يۈزبەردى

قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تاجىكىستان بىلەن چېگرىداش باتكەنت ئوبلاستىنىڭ لەيلەك رايونىدىكى ئانداراك يېزىسىدا 29 - دېكابىر كۈنى تاجىكلار بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، بۇ ۋەقە تاجىك كىشىلەر ھەيدىگەن ماشىنا يولدىن ئۆتكەن ئۈچ قىرغىز ئوقۇغۇچىنى سوقۇۋېتىشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى بۇ تاجىكلارنى تۇتۇپ، ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ ماڭغاندا، 150دىن 200 غىچە بولغان ساندىكى تاجىكلار تۇتقۇن قىلىنغان تاجىكلارنى ساقچى پونكىتىدىن قايتۇرۇپ كەلگەن. بۇنى ئاڭلىغان 500 ئەتراپىدا قىرغىز نارازىلىق بىلدۈرۈپ تۇتۇلغان تاجىكلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ئارقىدىن تاجىكلاردىن 1000 ئەتراپىدا كىشى توپلىنىپ، ئۇلارغا قارشى تۇرغان، نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا جېدەل چىققان.

پەرغانە تورىنىڭ يېزىشىچە، غەزەپلەنگەن قىرغىز پۇقرالار ئىككى بوتكا دۇكان ۋە بىر ناۋايخانىنى كۆيدۈرىۋەتكەن. جېدەل جەريانىدا بىر ماشىنا كۆيدۈرىۋېتىلگەن. ئەمما، يەرلىك ساقچى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى جىددىي ھەرىكەت قىلىپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا چۈشەندۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن جېدەل ئاخىرلىشىپ، كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش ۋەقەلىرىنىڭ ئالدى ئېلىنغان.

2010 - يىلى،6 - ئايدا قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋە جالالاباد شەھەرلىرىدە ئۆزبېكلەر بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدا كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، ھۆكۈمەت تەرەپ ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەنلەرنىڭ 400 دىن ئاشقانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.