«بىشكەك كەچلىكى» ۋە باشقا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىسساقبەك مۇنۇنوفنى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى قىرغىز مىللىتىدىن چىققان تۇنجى گېنېرال دەپ ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ قارارى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقى بويىچە بۇ يىل ئىسساقبەك مۇنۇنوفنىڭ 100 ياشقا تولغانلىقى بىلەن دۆلەت دەرىجىلىك خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى بېكىتكەن. ئەسلىدە ھۆكۈمەت بۇ يىل 24 خاتىرە پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، بىراق ئىقتىسادىي سەۋەب تۈپەيلىدىن باشقا پائالىيەتلەرنى قىسقارتىلىۋېتىلگەن، ئەمما ئىسساقبەك مۇنۇنوفنىڭ 100 يىللىقىنى دۆلەت پۇل ئاجرىتىپ خاتىرىلەشنى قارار قىلغان.
قىرغىزستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش شەھىرىدىكى مەركىزىي كوچىلارنىڭ بىرىگە «ئىسساقبەك مۇنونوف» كوچىسى دەپ نام بېرىلگەن ھەمدە ئۇنىڭ ئېگىز ھەيكىلى ئورنىتىلغان ئىدى.
ئىسساقبەك مۇنۇنوف 1949 - يىلى، 8 - ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مىللىي ئازادلىق رەھبەرلىرى بىلەن بىللە سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدە قازا قىلغان.
