قىرغىزىستان پرېزىدېنتى رۇسىيىنى زىيارەت قىلدى

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايېف 23 - فېۋرالدىن 25 - فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا رۇسىيىدە زىيارەتتە بولدى. فەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتامبايېف بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتە ئاساسلىقى ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي - سىياسىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، موسكۋادىكى دوستلۇق باغچىسىدا قىرغىزلارنىڭ رىۋايەتلەردىكى قەھرىمانى ماناسنىڭ چوڭ ھەيكىلى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئالماسبېك ئاتامبايېف ھەيكەلنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەمدە رۇسىيە بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئەنئەنىۋى مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

ئىنتېرفاكىسنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە ۋە قىرغىزىستان رەھبەرلىرى ئارىسىدا بىشكەك شەھىرى يېنىدىكى قەنت رايونىغا جايلاشقان رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ھەققىنى تۆلەش مۇھاكىمە قىلىنىپ، بىشكەك تەرەپ رۇسىيىدىن تۆلەنمىگەن ئىجارە ھەققىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق قىرغىزىستان رۇسىيىنىڭ يېرىم مىليارد دوللار ئەتراپىدا قەرزىگە بولغۇلغان بولۇپ، ئۇنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىشكە مۇھتاج ئىكەن. تەھلىلچىلەر، نۆۋەتتە قىرغىزىستان بىلەن رۇسىيىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى مۇناسىۋەت دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.