قىرغىزىستان پرېزىدېنتى: بىز دائىم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلگەنلىكىگە پۇشايمان قىلىمىز

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايېۋ رۇسىيىنىڭ سانكتپېتېربۇرگ ۋالىسى گېئورگىي پولتاۋچېنكو بىلەن كۆرۈشكەندە «بىز دائىم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلگەنلىكىگە پۇشمان قىلىمىز» دېدى.


قىرغىزىستاننىڭ ئاكىپېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىز پرېزىدېنتى ئۆزىنىڭ يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش شەكىلدىكى بىر ئىقتىسادىي ئىتتىپاقنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تىلەكداش ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىپ،« راست گەپنى قىلغاندا، بىز مۇنداق بىر دۆلەتتىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمىزغا كۆڭۈل خېلىلا يېرىم ۋە بىئارام بولىدۇ. بىراق سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ، ئەمما بىز ئورتاق ئىقتىسادىي گەۋدە قۇرۇپ چىقايلايمىز، بىزلەرنى ئايرىپ تۇرغان چېگرىلارنى ۋە تاموژننىلارنى ئېلىپ تاشلىۋېتەلەيمىز. مەن ئويلايمەنكى، ئەگەر بىز بۇنى قىلمىساق، ئەگەر بىز ھېچ بولمىغاندا بىرەر ئىقتىسادىي گۇرۇھتا ۋە بىر تاموژنا ئىتتىپاقىدا بولمىساق، بىزنىڭ ئاتا - ئانىلىرىمىز، ئاتىلىرىمىز، بوۋىلىرىمىز، ئانىلىرىمىز بىزنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ. بىز مۇنداق بولۇشىغا يول قويماسلىقىمىز لازىم» دەپ ئۆز كۆڭلىنى بىلدۈرگەن.

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى بۇ سۆزنى 6 - 7 - ئىيۇن كۈنلىرى بېيجىڭدا خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندىن ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 21 - ئىيۇن كۈنى سانكپېتېربۇرگتىكى ئىقتىسادىي مۇنبەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەندە ئېيتقان

مەلۇمكى، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ياۋرو ئاسىيا ئىتتىپاقى دېگەن ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئورتاق ئىقتىسادىي گەۋدىگە يىغىشنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئانالىزچىلار، قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستاننىڭ بۇ ئىدىيىنى قوللىشى مۇمكىنلىكىنى تەھلىل قىلىشماقتا. ئاتامبايېۋ بۇ يەردە پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.