قىرغىزىستاندا پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئىككى نەپەر ساقچى يارىلانغان

قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى نەپەر ساقچى يېنىك ھالدا يارىلانغان

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىشكەكتىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن يەنى سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى نەپەر ساقچى يېنىك ھالدا يارىلانغان. قىرغىزىستان دائىرىلىرى ۋەقەنى ئىسلامىي قوراللىق كۈچلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە بىلدۈرىلىشىچە، ۋەقە سادىر قىلغۇچىلار بىشكەكتىكى ئالىي سوت مەھكىمە قوروسىغا كىرىدىغان يول ئۈستىگە ئورا كولاپ بومبا ئورۇنلاشتۇرغان. پارتىلاش يۈز بەرگەن ۋاقىت سابىق باقىيېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى سوتقا تارتىلىدىغان كۈنگە توغرا كەلگەن. قىرغىزىستان بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ مەسئۇلى مارات ئىمانقۇلوۋ ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كۆلباي مۇسايېۋ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قىرغىزىستاندا 33 ئورۇننى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 8 ئورۇننىڭ پايتەخت بىشكەكتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن؛ ئۇ يەنە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ روسىيە ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق بىرقانچە دۆلەتكە تەۋە كىشىلەر تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن تېررورچى تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە بىشكەكتە پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال، قىرغىزىستانننىڭ جەنۇبىدىكى ئۆزبېكلەر مەركەزلەشكەن شەھەر ئۇشتا، قىرغىزىستان بىخەتەرلىك كۈچلىرى ئوشتىكى يەرلىك كۈچلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا ئوشتا مىللىي توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۆزبەكلەرنىڭ قوراللىق كۈچ ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداشقا ۋە ياكى قوراللىق يول بىلەن دۆلەتكە ئۆز ئىرادىسىنى كۆرسىتىشكە ئۇرىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.