يەرلىك ئامما نامايىش قىلىپ، خىتاي ئالتۇن قازغۇچىلىرىنى قىرغىزىستاندىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان.
قىرغىزىستان ۋە رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ چۇ ئوبلاستلىق ئىچكى ئىشلار ئىدارىسى 21-ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن توقۇنۇش ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، خىتاي شىركىتىنىڭ ئالتۇن قېزىش ماشىنىسى ئاتلىق بىر قىرغىزنىڭ ئېتىنى يانجىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بەختكە يارىشا ئات ئۈستىدىكى قىرغىز يارىلانمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋەقە يەرلىك قىرغىز ئاھالىسىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ، توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ۋەقەدە 4 قىرغىز پۇقراسى ئېغىر يارىلىنىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 24-ئۆكتەبىر «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» گە مەلۇمات بېرىپ، ۋەقەنىڭ كونترول قىلىنغانلىقى، بۇ ۋەقەنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق ۋەقە يۈز بېرىپ ئەتىسى يەنى 22-ئۆكتەبىر 400-500 دەك قىرغىز پۇقراسى توپلىنىپ، خىتايلارنىڭ كان ئېچىشىغا قارشى نامايىش قىلغان. قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىتاي كان شىركىتىنىڭ ئورلوفكا كەنتىدە تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرى كونترول قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئالتۇن كېنىدا ئىشلەيدىغان 300 دەك خىتاي ئىشچى ئەتراپتىكى بىر يېزىغا يۆتكەپ كېتىلگەن.