قىرغىزىستان پارلامېنتى يېڭى باش مىنىستىرنى بېكىتتى

قىرغىزىستان پارلامېنتى 23 - دېكابىر كۈنى يىغىن چاقىرىپ، 41 ياشلىق ئۆمۈربېك بابانوفنى جۇمھۇرىيەتنىڭ باش مىنىستىرى قىلىپ بېكىتتى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011-12-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ۋاقىتلىق ئاتقۇرغۇچى بولغان ئىدى. بابانوفنىڭ باش مىنىستىرلىق نامزىتىنى پارلامېنتتىكى سوتسىيال - دېموكراتلار، ئاتا - ماكان، جۇمھۇرىيەت ۋە ئار - نومۇس قاتارلىق تۆت پارتىيىنىڭ بىرلەشمىسى بېكىتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ تۆت پارتىيە بىرلەشمە ھۆكۈمەت ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.

ئۆمۈربەك بابانوف جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بولۇپ، ئۇ سابىق پرېزىدېت قۇرمانبېك باقىيېف دەۋرىدە مۇئاۋىن باش مىنىستىر بولغا ن ئىدى.

ئۆمۈربېك بابانوف قىرغىزىستان جەمىيىدە زور غۇل - غۇلا قوزغاۋاتقان شەخس بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ مىللىتىنىڭ قىرغىز ئىكەنلىكى ئېيتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئارىلاش ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا. ئالماسبېك ئاتانبايېف پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن ھەر قايسى يۇقىرى رەھبەرلىك ئورۇنلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارماقتا شۇنىڭدەك ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ رۇسىيىگە كۆپرەك مايىل بولۇۋاتقانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. بىراق، ئۆمۈربېك بانانوف مۇئاۋىن باش مىنىستىر بولغان بۇ يىلقى ياز ئايلىرىدا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي بىلەن قويۇق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت