پارلامېنتتىكى 113 ئەزادىن 111 نەپىرىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشىغا ئېرىشكەن ساتېبالدىيېف، خام چوتنى قىسقارتىدىغانلىقى ۋە باج ئورگانلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
يېقىندا قىرغىزىستاندا ھۆكۈمەت كرىزىسى يۈز بېرىپ، پارلامېنتتىكى 5 پارتىيىنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتى يىقىلغان. باش مىنىستىر بابانوف ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن ئىدى. كىشىلەر قىرغىزىستاندىكى ھۆكۈمەت كرىزىسىنىڭ سىياسىي مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىپ، 2005- يىلى يۈز بەرگەن خەلق ئىسيانى ياكى 2010- يىلى يۈز بەرگەن ئۆزبېك-قىرغىز توقۇنۇشىدەك زور سىياسىي داۋالغۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلغان.
قىرغىزىستان 2010-يىلدىن كېيىن ئۆزىنىڭ سىياسىي سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىپ، پرېزىدېنتلىق تۈزۈمىدىن پارلامېنت دېموكراتىيىسىگە كۆچكەن ئىدى.
بىراق بۇ تۈزۈم ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە بۇ تۈزۈمىنىڭ قىرغىزىستانغا مۇقىملىق ئېلىپ كېلىشى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ساتېبالدىيېف پارلامېنت ئەزالىرىغا ئەسكەرتىپ: مەن قىرغىزىستان دۆلىتى ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن ھەر بىر كىشىنى تىنچلىق ۋە ئىناقلىققا چاقىرىمەن، دېگەن.
ئۆمۈربېك بابانوف ھۆكۈمىتى پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ يىقىلغاندىن كېيىن، پارلامېنتتىكى 3 پارتىيە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا كېلىشىپ، ساتېبالدىيېفنى قوللىغان ئىدى. ساتېبالدىيېف ئىلگىرى ئوش ئوبلاستىنىڭ باشلىقى، قىرغىزىستان قاتناش مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان ئىدى.