قىرغىزىستان چېگرا ساقچىسى 4 سەپدىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن

قىرغىزىستاننىڭ بىر چېگرا ساقچىسى دۈشەنبە كۈنى ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان جايدا 4 نەپەر سەپدىشىنى ۋە 4 سەپدىشىدىن بىرىنىڭ ئايالىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

گۇماندار ۋەقەنى سادىر قىلغاندىن كېيىن، ئەتراپتا توختىتىلغان بىر ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ، مەيداندىن غايىب بولغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە قىرغىزىستان راۋېتچىلىرى مەزكۇر جىنايەت گۇماندارىنى ئىزدىمەكتە. رازۋېتچىلار ھازىرغا قەدەر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن.

قىرغىزىستاندىكى بۇ ۋەقە ئىسسىق كۆلدىن 65 كىلومېتىر جەنۇبتا، يەنى قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۇيغۇر رايونىنىڭ چېگرالىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەچكە، ۋەقە ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىگە سىرلىق بىلىنمەكتە. چۈنكى قازاق ساقچىلىرى ئۆتكەن ھەپتە مەزكۇر رايوندىكى بىر باغچىدىن كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن 11 كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپقان.

مەزكۇر ۋەقەدە يەنە باغچە مۇھاپىزەتچىسىنىڭ ئوغلى ئېلىپ قېچىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە قازاق ساقچىلىرى ئېلىپ قېچىلغان بالىنى تېپىش ۋە جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا. ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا يەنە چېگرادا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر نەپەر قازاق ساقچىسىمۇ ئۆزىنىڭ 14 نەپەر سەپدىشىنى ئۆلتۈرۈپ قاراۋۇلخانىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. ئوخشاش رايوندا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان بۇ ۋەقەلەر كۆزەتكۈچىلەردە مەزكۇر رايوننىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىدە يوشۇرۇنغان مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى ھەققىدە ئويلىنىش پەيدا قىلماقتا.